UyghurMain Dictionary
لالە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
لالە. لالە ناملىق گۈل، لەيلىگۈل:
قىزىل، قان:
ئېتىقاد ئەتمە گۇلۇ لالە ئۇنپدۇر دەشت ئارا،
ئىشىق زەخم ئەتكەن يۈرەك قانىن تامىزغاندۇر كۆزۈم.
گۇمنام.
2. قاشلارى فەررۇخ ھىلالى تىشلارى دۇررى گۇھەر،
لالە يەڭلىغ لەبلەرنىڭ لەئلى ناپەيداسى بار.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
لەيلىگۈل، دالا كۆكنارى؛ زەنجىر؛ لالەزار - لەيلىگۈل باغچىسى. كۆچمە مەنىسى: لالەئى ئەشك - قانلىق كۆز يېشى، ئاچچىق يىغا.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
غەربىي ياۋروپانىڭ گۈللۈكى − گوللاندىيە ئەزەلدىنلا «لالە دۆلىتى» دېيىلىدۇ. لالە شامال چاقپەلىكى (شامال تۈگمىنى)، پىشلاق (ئېرىمچىك)، ياغاچ ئاياغ قاتارلىقلار بىلەن بىللە «گوللاندىيىنىڭ تۆت گۆھىرى» دېيىلىدۇ. گوللاندىيە خەلقى ئۇنى گۈزەللىك، ئالىيجانابلىق، تەنتەنىلىكنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلمەكتە.1977 - يىلى گوللاندىيىنىڭ ئايال پادىشاھى بېئاترىكس جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، نازاكەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە مەملىكىتىمىز خەلقىگە لالە سوۋغا قىلىپ، ئۇنى جۇڭگو - گوللاندىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى قىلغان. بۇ گۈل بېيجىڭدىكى جۇڭسەن باغچىسىدا ئۆستۈرۈلمەكتە. ھازىر ئۈرۈمچى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىمۇ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.
لالە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، توق سېمىز يەر ئاستى تەڭگىچە غولى بولىدۇ ھەمدە سوغۇققا چىداملىق. كۆپەيتكەندە تەڭگىچە غولى تۇپراققا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدۇ. گوللاندىيە خەلقى ئۇزاق يىللار يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق،2000 خىلدىن ئارتۇق سورتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى، ئۇلارنىڭ گۈللىرى قىزىل، سېرىق، ئاق، كۆك، بىنەپشە قاتارلىق رەڭلەردە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھەتتا ياپونىيىگىچە يۆتكەپ سېتىلىدۇ.
باغۋەنچىلىك ئىلمى مۇتەخەسسسىلىرى لالەنى ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن بالدۇر ئېچىلىدىغان ۋە كېچىكىپ ئېچىلىدىغان دەپ ئىككى چوڭ خىلغا بۆلگەن. بالدۇر ئېچىلىدىغانلىرىنىڭ گۈل شېخى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئېگىزلىكى20 سانتىمېتىر بىلەن چەكلىنىدۇ. گۈللىرىنىڭ يالاڭ قات بەرگلىك سورتلىرى ھەم قات بەرگلىك سورتلىرى بولۇپ، ھەممىسىلا پۇراقلىق. كېچىكىپ ئېچىلىدىغانلىرىنىڭ گۈل شېخى بىرقەدەر ئۇزۇن، پەقەت يالاڭ قات بەرگلىك سورتلىرىلا بولۇپ پۇراقسىز بولىدۇ.
لالەنىڭ ئەسلىي ماكانى مەملىكىتىمىزدىكى چىڭخەي -شىزاڭ ئېگىزلىكى بولۇپ،2000 نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىغا تارىلىپ بارغان.16 - ئەسىردە تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيىلىك بىر ئەلچى لالەنى ياۋروپاغا ئالغاچ بارغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لالە ياۋروپاغا كەڭ تارىلىشقا باشلىغان. گوللاندىيىلىكلەر لالەنى ئالتۇن ئورنىدا بىلىپ، بۇنداق گۈلدىن قانچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆز بايلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<بوت> گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە ئۇ مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. يىلتىزى ۋە گۈلى تىنچلاندۇرۇش دورىسى قىلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<لائلى>
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
لالىدەك ياشنىغان، گۈزەل قىز ياكى لالىلەر ئېچىلغان چاغدا تۇغۇلغان قىز.