UyghurMain Dictionary
لاكۋېت دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
مالاييادىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جوخور دېگەن يېرىگە جايلاشقان. مىلادى Ⅶ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە سودا - سېتىقتا تەرەققىي قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسيا دېڭىز سودىسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەتنىڭ سودا كېمىلىرى ھەريىلى قەرەللىك ھالدا گۇاڭجۇغا كېلىپ تۇرغان. 15 - ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مالاككا دۆلىتى ۋە جوخور دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن.