UyghurMain Dictionary
لايىھە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
« لايىھە» گە قاراڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
لايىھە، پىلان؛ ھېسابات دەپتىرى؛ ھۆججەت، تالون؛ ئۇقتۇرۇش، ئېلان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارار، بۇيرۇق، قانۇن، پىلان ۋە باشقىلارنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى.
<فاڭئەن> خەنزۇچە: 方案.
<نەشە چېكىشنى چەكلەش نىزامى> نىڭ لايىھىسى قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىندى. كېيىن 7 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا ماقۇللاندى. <خەلق زالى> نىڭ پرويېكتنى ئاتاقلىق مېمارىلار تۈزگەن. خەنزۇ تىلىنىڭ پىنيىن فاڭئەنى ئېلىپبە جەدۋىلى، شىڭمۇلار جەدۋىلى، يۇنمۇلار جەدۋىلى، تون بەلگىلىرى، بوغۇما ئايرىش بەلگىسىدىن ئىبارەت بەش بۆلۈمگە بۆلۈنگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆي - ئىمارەت، ماشىنا، تۈرلۈك شەكىلدىكى قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى قۇرۇش ھەققىدە سىزىپ تەييارلانغان ئۈلگە؛ چېرتيوژ، خەرىتە.
قارار، پەرمان، قانۇن قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ مۇھاكىمىگە قويۇش ئۈچۈن تەييارلانغان دەسلەپكى نۇسخىسى.
لايىھە تۈزمەك.