UyghurMain Dictionary
لايغەزەل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشى سۇس، گەپ - سۆزى جايىدا ئەمەس، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان كىشى.
لامزەللە ئەردىن كەسكىن خوتۇن ئەلا. لايغەزەلدىن لاي ياخشى. بوشاڭ بېشىنى يەر. بېزەك ئادەمنى بەزدۈرىدۇ. لاتىغىلاپ ئادەم - غىلاپ بەندىسى. بىلىنىڭ تۆۋىنىگە سۇيۇقئاش بارمىغان ئۇ نىمىدىن ئۈمىد يوق. سېنىڭ ئۇ نېمەڭ ئاغزىدىن گېپى چۈشۈپ قالىدىغان ئادەم ئىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى سۇس، كەسكىن ئەمەس.
قەيسەر، غەيۇر، جەسۇر
قورقماس، ئىش - ھەرىكىتى كەسكىن.
قەيسەر ساياھەتچىگە يولنىڭ يىرىقى يوق. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. لامزەللە ئەردىن كەسكىن خوتۇن ياخشى. بوشاڭ بېشىنى يەر. لايغەزەل كىشىدىن لاي ئارتۇق. جەسۇر جەڭدە، بوشاڭ كاڭدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېزىلەڭگۈ، بوشاڭ، ھۇرۇن، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان لامزەللە، لەقۋا.
بىزگە ئۇنداق ھۇرۇن، لايغەزەل ئادەملەر كېرەك ئەمەس.