Uyghur←ChineseMain Dictionary
لاففىتتى
دۇنيا تارىخى
拉菲特
lā fēi tè
(1767 - 1844) فرانسىيە باش ۋەزىرى (1830 - 1831). نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، 1788 - يىلغىچە پارىژدا بانكا ھېساباتچىسى، كېيىن دېرىكتور بولغان ھەمدە قوشۇمچە فرانسىيە بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋە لىدىرى بولغان. 1816 - يىلى ئاۋام پالاتاغا سايلاپ كىرگۈزۈلگەن، 1830 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. چارلېس Ⅹ ئېلان قىلغان قاچقۇنلارغا تۆلەم تۆلەپ بېرىش توغرىسىدىكى پەرمان بىلەن زىيان تارتىپ، تىرىلگەن خاندانلىققا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ قالغان. تىيېر قاتارلىقلارنىڭ گېزىت چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئورلېئان جەمەتنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن جامائەت پىكرى پەيدا قىلغان. ئىيۇل خاندانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى بولغان، ئىچكى كابېنتنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى بولغان. قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كۆپلىگەن مال - مۈلكىدىن مەھرۇم بولغان. 1837 - يلى يەنە ئىجتىمائىي بانكا تەسىس قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەسلىمە يازغان.