Chinese→UyghurMain Dictionary
拉丁人
دۇنيا تارىخى
لاتىنلار
قەدىمكى ئىتالىيەنىڭ لاتىئوم رايونى (تىبىر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) دىكى ئاھالە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستىمىسىدىكى بىر تىل تۈزۈمىگە مەنسۇپ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرىدائۇلار بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىپتىدائىي جامائە تۇرمۇشنى كەچۈرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندائۇلارنىڭ ئوراتاق بوۋىسى لاتىن ئىكەن. نۇرغۇن مەھەللىلەر تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ شەھەرلەرگە ئايلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تىبىر دەرياسى بويىدىكى رىم شەھىرى ئەڭ داڭلىق ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرگىچە رىملىقلار (لاتىنلارنىڭ بىر تارمىقى) قوشنا قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، باشقا لاتىنلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرنەچچە قېتىم ئىتتىپاق تەشكىللىگەن. كېيىن رىم لاتىن ئىتتىپاقى ئىچىدە تەدرىجىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئىتتىپاق شەھەرلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان؛ رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پات - پات توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئاخىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 340 - 338 - يىللىرى <لاتىن ئىتتىپاقى ئۇرۇشى> پارتلىغان. ئىتتىپاقچىلار مەغلۇپ بولۇپ، رىم لاتىن شەھەرلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىملىقلار باشچىلىقىدىكى بارلىق لاتىنلار كۈنسايىن قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، لاتىنلار ئومۇمەن ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستىمىسى، رىم تىل تۈركۈمى (لاتىن تىلى) دە سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئاھالىلەرنى، يەنى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان ياۋرۇپا تارىخ كىتابلىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنغان <لاتىنلار> جەنۇبىي ياۋرۇپالىقلار دەپ ئاتىلىپ، شىمالىي ياۋرۇپادىكى گېرمانلار، شەرقىي ياۋرۇپادىكى سلاۋىيانلار بىلەن پەرقلەندۈرۈلگەن.
ئۇنىۋېرسال
lā dīng rén
لاتىنلار