Chinese→UyghurMain Dictionary
拉丁蒂国
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئىمپېرىيىسى
1204 - يىلى تۆتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرقتە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان غەربىي ياۋرۇپا فېئوداللىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. كونستانتىنوپولنى پايتەخت قىلغان. گرىكلار غەربىي ياۋرۇپالىقلارنى لاتىنلار دەپ ئاتىغاچقا، لاتىن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. زېمىنى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، فراكىيە، ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي يۇناننىڭ كۆپ قىسمى شۇنىڭدەك ئېگېي دېڭىزى ۋە ئىئونىيە دېڭىزىدىكى بىرقانچە ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لاتىن ئىمپېراتورى ئىمپېرىيىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم رايونى (كونستانتىنوپولنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى بىۋاستە كونترول قىلغان، قالغان رايونى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىر قىسمى ئۈچ چوڭ فېئوداللىق خوجىلىق زېمىننى يەنى تېسسالونىكا پادىشاھلىقى، ئاكائېيا بەگلىكى ۋە ئافىنا بەگلىكىنى شەكىللەندۈرگەن؛ يەنە بىر قىسمى كونستانتىنوپولنىڭ گالانىيە رايونى، كرېت ئارىلى، ئېۋېبېيە ئارىلى ۋە نۇرغۇن دېڭىز بويى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ۋېنېتسىيە تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. ئىمپېرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن يانچىلارغا ئايلىنىپ قالغان، باج - سېلىق يۈكى ئېغىرلاشقان ھەم ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ سودا ۋە جازانىخورلۇق ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە ئۇچرىغان، شۇڭا ئۇلار دائىم يات مىللەت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. ۋىزانتىيىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى كىچىك ئاسىيادا قۇرغان ئىمپېرىيىسىمۇ لاتىنلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قوزغىغان. 1261 - يىلى نىسىيە ئارمىيىسى خەلقنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.