UyghurMain Dictionary
لى
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جۇڭگو ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم، يول.
بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ئون لى يول مېڭىپ ئاران يېتىپ باردۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۆلچەم بىرلىكى. پۇڭنىڭ ئوندىن بىرى
بىر لى پۇلنىمۇ ئىقتىساد قىلىش كېرەك. * بىزنىڭ يېزىدا جان بېشىغا ئىككى مو بەش پۇڭ ئالتە لىدىن يەر توغرا كەلدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
لى - ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىك نامى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قوللىنىلغان ۋە بىرلى 180 جاڭغا تەڭ قىلىپ قوللىنىلغان. 1928 - يىلى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى دەۋرىگە كەلگەندە بىر لى 150 جاڭغا تەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بىر چى 3 / 1 مېترغا تەڭ بولغانلىقتىن بىر لى توپ توغرا 500 مېترغا تەڭ قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر دېھقانلار ئارىسىدا بازار سىستېمىسىدىكى بىرلىك قىلىپ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى <چاقىرىم> غا توغرا كېلىدۇ.