Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۇئېبېك سۆھبىتى
دۇنيا تارىخى
魁北克会谈
kuí běi kè huì tán
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كانادانىڭ كۇئېبېك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن. (1) 1943 - يىل 8 - ئاينىڭ 41، 24 - كۈنلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل كۇئېبېكتە ئۇرۇش ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاساسەن گېرمانىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن. يىغىنغا كانادا زۇڭلىسى بىلەن جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ قاتناشقان. (2) 1944 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11، 16 - كۈنلىرى روزۋېلىت بىلەن چېرچېل كۇئېبېكتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلەشكەن. ئۇلار ① گېرمانىيە ۋە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش پىلانى؛ ② ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانى توغرىسىدىكى پىلان؛ ③ ئافىنا رايونىنى ئىشغال قىلپ، ئەنگلىيىگە مايىل ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدىكى پىلان؛ ④گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ گېرمانىيە زېمىنىنى ئىشغال قىلىشى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە گېرمانىيىنى نوقۇل يېزا ئىگىلىك دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغان