UyghurMain Dictionary
كۇۋەيت جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
كۇۋەيتتىكى ئەڭ يېڭى مەسچىت بولۇپ، ئورنى پايتەخت كۇۋەيت شەھىرىدە. 1986 - يىلى 6 - ئايدا پۈتكۈزۈلدى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 45 مىڭ كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ؛ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 74 مېتىر، نامازخانىنىڭ 10 ئىشىكى بار. ئىشىكلەرگە سۈرە - ئايەتلەر ۋە گېئومېتىرىيىلىك ئىسىخىمىلار ئويۇلغان. ئىچىدە بەش مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ؛ 550 ئايال سىغىدىغان نامازخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس ئىشىك ئورنىتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، كۆلىمى 700 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىتابخانىسى ۋە كاتتا مېھمانلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئەمىر زالى بار