Chinese→UyghurMain Dictionary
库斯科
دۇنيا تارىخى
كۇسكۇ
ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى پېرۇنىڭ كۇسكۇ شەھىرى. بۇ شەھەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىنكا تاش قۇرۇلۇشى ئاساسىغا سېلىنغان بولۇپ، ئۆي - ئىمارەت، كوچىلىرى قاتارلىقلاردا ھېلىمۇ ئىنكالارنىڭ بىناكارلىق ئىزلىرى ساقلانغان. بىنالارنىڭ ھەممىسى چوڭ - چوڭ كۆپ بۇلۇڭلۇق تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان. چوڭ قورام تاشتىن يونۇپ چىقىلغان تاملار پۇختا بولۇپلا قالماىي بەلكى ئۇ شۇنداق ھىم قوپۇرۇلغانكى ئۇنىڭ ئارىلىقىغا نېپىز تىغنىمۇ كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. چوڭ چېركاۋ ئىگىلىگەن ئىنكا تاش تاملىرىنىڭ چېكىنى قول بىلەن سىيلاپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، بۇت ئىنكالىقلارنىڭ تاش بىناكارلىقىدىكى يۈكسەك تېخنىكىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. خاتىرىلىنىشىچە ئىنكا پايتەختى 12 رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شەھەرنىڭ مەركىزىدە بىر مەيدان بولۇپ، دىنىي مۇراسىم ۋە تەنتەنە قىلىش سورۇنى بولغان. پادىشاھ ئوردىسى، قۇياش تەڭرىسى ئىبادەتخانىسى، موناستىر، زەردار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇ - جايلىرى قاتارلىق ئاساسلىق ئىمارەتلەر پۇماپ - چۇپان رايونىغا مەركەزلەشكەن، بەزى قۇرۇلۇشلار ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن سەلتەنەتلىك. بۇلار، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان.