UyghurMain Dictionary
كۇپالا
دۇنيا تارىخى
(1882 - 1942) بلوروسىيىلىك شائىر. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىۋان دومىنىكوۋىچ لۇتسېۋىچ. ئىجارىكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، كۆپ يىل قارا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1905 - يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 1908 - يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <قۇمۇش نەي> نەشىردىن چىققاندا، شۇ زامان تەقىپ قىلىنغان. لېكىن ئۇ، يېزىقچىلىق بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. شېئىرلار توپلىمى <سازەندە غوسىرى>، داستانى <قەدىمكى ناخشا>، درامىلىرى <بابلىنكا> ۋە <ئۇۋا بۇزۇش> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە باي - غوجاملارنىڭ كەيپ - ساپالىق تۇرمۇشىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن يازغان داستانى - <ئورشا دەرياسىدا>، شېئىرلار توپلىمى - <چىن قەلبىمدىن>، <قۇرۇلۇشقا مەدھىيە> لەردە، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە سوۋېت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدە <بلوروسىيە پارتىزانلىرىغا>، <خەلق ئاتلاندى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ نېمىس فاشىستلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى، سوۋېت دۆلىتىگە بولغان مۇھەببىتىنى مەدھىيلىگەن.