Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۇنېئو
دۇنيا تارىخى
库内奥
kù nèi ào
(1809 - 1875) ئىتالىيە گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدە دەۋرىدە ئۆتكەن سىياسىي ئەرباب. <ياش ئىتالىيە پارتىيىسى>نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەزالىرىدىن بىرى. 1833 - يىلى تاگانروگدا گارىبالدىنى ياش ئىتالىيە پارتىيىسى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا تونۇشتۇرغان. ئۇ يەنە مونتېۋىدېئودا <ياش ئىتالىيە ياچېيكىسى>نىڭ ياچېيكىسىنى قۇرغان. 30 - 40 - يىللىرى گارىبالدى بىلەن بىرگە جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1848 - يىلى ۋەتەنگە قايتقان. 50 - 60 - يىللىرى ئىتالىيە ئىنقىلابىي ھەركىتىگە پائال ئاتلانغان. 1866 - يىلى گارىبالدى قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشتا بولغان. ئۇنىڭ <گىيوسېپپىي گارىبالدى تەرجىمىھالى> ناملىق ئەسىرى بار.