Chinese→UyghurMain Dictionary
库尼亚
دۇنيا تارىخى
كونيا
(1866 - 1909) برازىلىيىلىك يازغۇچى ۋە تارىخشۇناس. 1886 - يىلى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان، كېيىن برازىلىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋە تارىخ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان. 1896 - يىلى <سان پاۋلو گېزىتى> نىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىرى سۈپىتىدە ئارمىيىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ كانودۇس دېھقانلىرى قوزغلىڭىنى باستۇرغانلىقتىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە كانودۇسنى زىيارەت قىلغان. 1904 - يىلىدىن باشلاپ ئاموزۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى رايونىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1908 - يىل 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى - ئەدەبىي ئاخبارات <ئوتتۇرا رايون> ناملىق ئەسىرىدە ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى بائىيە شتاتى كانودۇس رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ يەر ئۈچۈن قوراللىق قوزغىلاڭ قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، برازلىيىدىكى يەر مەسىلىسى بىلەن مىللىي مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى - <قارىمۇ قارشىلىق ۋە تۇتاشلىق>، جۇغراپىيە ئەسىرى <پرونىڭ بولىۋىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىشى>، ئەدەبىي ئوبروزى - <كاسترو ئالۋېس ۋە ئۇنىڭ دەۋرى>، ئەدەبىي پارچىلار توپلىمى <تارىخ گىرۋىكىدە> قاتالىق ئەسەرلىرى بار.