UyghurMain Dictionary
كۇلبە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھۇجرا، ئۆي؛ ماكان؛ خارابە:
زاھىدا فىردەۋس ئارا جەۋرۇڭ تەماشاسىن نېتەي،
كۇلبەم ئىچرە گەر خىيالى ھۇسنى جانان بولماسا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆي، خانا، بالىخانا، ساتما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئىشىك، دېرىزە، تورۇسى بولغان، ئولتۇراق جاي ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر.
<ھۇجرا> سارايلاردىكى ئايرىم - ئايرىم ئۆي.
<كەپە>، <كۈلبە> لەر ئاددىي ئۆيلەر.
<قازناق> نەرسە - كېرەك قويىدىغان كىچىك <ئامبار>.
يالغۇز خىشتا ئۆي بولماس. ئوغرى ئون ئۆيگە چۈشمەي ئۆلمەس. قايسىبىر خانىدىن يول ئالسا تۇتۇن، ئىشىك - تاملىرىنى قارا قىلار پۈتۈن. خانىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ. ئىشخانا. بۇ بۆلمىدە كىم بولسا، شۇ ساھىبخان. ساراينىڭ ھۇجرىسى كۆپ، ياراملىقى يوق. كەپىدىمۇ ئۇلۇغ زات تۇغۇلىدۇ. دادام قازناقتا يوق. كۈلبىدىن كۈلكە چىقتى.