UyghurMain Dictionary
كۈزىتىش ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
بۇ پىسخولوگىيىنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، بىر كىشىنىڭ تەبىئىي شارائىتتىكى ھەرىكىتى، گەپ - سۆزلىرى، مىمىكلىرى ئۈستىدە مەقسەتلىك، پىلانلىق، سىستېمىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ پىسخىك پائالىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىيەتلىرىنى بىلىۋېلىشتىن ئىبارەت. كۆزىتىش ئۇسۇلى كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى بىۋاستە كۆزىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ ئۇ يەنە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى ئۇقۇۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسلەن: كۈنلۈك خاتىرە يېزىش، خەت - چەك، ئەسلىمە قاتارلىقلار. ئانالىز قىلىشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن كۆزىتىش ۋاقتىدا تەپسىلىي خاتىرە يېزىۋېلىشى لازىم. ھەم تۈرلۈك ئەسۋابلار مەسلەن: كىنو ئاپپاراتى، فوتو ئاپپارات، ئۈنئالغۇلار ئارقىلىق كۆزىتىلگۈچىنىڭ بىر پۈتۈن ياكى قىسمەن پائالىيەتلىرى چۈشۈرۈپ ئېلىنىشى ( خاتىرلىنىپ ئېلىنىشى ) كېرەك. كۆزىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن، مۇئەييەن بىلىم ۋە كۆنۈكمىگە ئىگە بولۇش لازىم. كۆزىتىش بىلەن خاتىرە قالدۇرۇشتا ئۇستا بولۇپلا قالماستىن بەلكى ماتېرىيالنى ئانالىز قىلىش بىلەن سىنتىزلەشكىمۇ ماھىر بولۇش كېرەك. كۆزىتىش ئۇسۇلى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىدۇ. تەرەققىيات پىسخولوگىيىسى، مائارىپ پىسخولوگىيىسى، ئەمگەك پىسخولوگىيىسى قاتارلىقلاردا كۆزىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ.