UyghurMain Dictionary
كۈتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەمىن ئەتمەك، ئۆستۈرمەك.
تاينى باقساڭ تۇلپار بولار، بۆرە باقساڭ كۈلپەت كەلتۈرەر. ئالتە كۈن ئاچ قالساڭمۇ ئېتىڭنى باق. مېھماننى كۈت، بەرىكەت تاپ. مېھماننىڭ ئۆزىگە قارىغۇچە، ئېتىغا قارا. ئاتا - ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش _ بالىنىڭ بۇرچى. ئېتىزلاردىكى زىرائەتنى پەرۋىش قىل، ھوسۇلغا تەييار تۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېلىشى مۆلچەرلەنگەن ئادەم ياكى نەرسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بىر يەردە تۇرماق.
ۋاقىت ھەرگىز ئادەمنى كۈتمەس. ئەخمەق ۋاقىتنى ساقلار، ۋاقىت ئۇنى ساقلىماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆزدە تۇتقان نەرسىسى، يېقىنى، مېھمىنى ياكى ئەزىز كىشىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى، كېلىشىنى ساقلىماق؛ يولىغا قارىماق.
بىر سائەتكە يېقىن كۈتكەن بولساممۇ، باش كاتىپ قايتىپ چىقمىدى.
ئاتا - ئانا ياكى بىرەر بىمار، مېھماننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق؛ باقماق.
تۆمۈر خەلپە بۇ مېھمانلارنى ئوبدان كۈتۈشنى شاكىرغا تاپشۇردى.
بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى، ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلماق.
مەن پەقەت قىزنىڭ گەپنى ئازراق قىلىپ، قانداق بولمىسۇن چاچنى تېزرەك ئېلىپ بولۇشىنى كۈتەتتىم.
ئالدىغا چىقماق، قارشى ئالماق.
ئىدارە باشلىقلىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرودرومغا چىقتى.