Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۈركە توخۇ
بىئولوگىيە
吐绶鸡
tǔshòujī
<رۇس توخۇسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار سىنىپىنىڭ توخۇسىمانلار ئەترىتى، كۈركە توخۇ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. باش قىسمى يالىڭاچ بولۇپ، مارجانسىمان تېرە ئۆسمىلىرى بولىدۇ. بوغۇزىنىڭ ئاستىدا گۆش ساقىلى، بويۇن قىسمى ئەگرى، دۈمبىسى كەڭ ھەم ئۇزۇن، كۆكرىكى كەڭ - دۇمباق، كۆكرەك (تۆش) مۇسكۇلى ۋە پاچاق (پۇت) مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. بەدىنى چوڭ، خورىزىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى 12 - 18 كىلوگرام؛ مېكىيىنى كىچىكرەك، ئېغىرلىقى 8 ~ 9 كىلوگرام بولىدۇ. تۇمشۇقى چوڭ ھەم كۈچلۈك، ئۆي تۇخۇسىنىڭكىدەك سەل ئېگىلگەن. ئۇچۇش ئىقتىدارى ئاجىز، پۇتى كۈچلۈك. پەيلىرى تۈر سورتلىرىغا قاراپ پەرقلىق - مىس رەڭ، قارا، قىزغۇچ - سېرىق، تۇتۇق - قارا قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. خورىزى دائىم قانات قۇيرۇقلىرىنى يەلپۈگۈچتەك يېيىپ چىللايدۇ، بۇ چاغدا تېرە ئۆسمىلىرى ۋە گۆش ساقاللىرى قىزىلدىن كۆكۈچ ئاق، ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا <يەتتە يۈزلۈك قۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر خىل كۆكتات، مېۋە ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ھەر يىلى 3 ~ 8 ئايلاردا تۇخۇم سالىدۇ. يىلىغا 60 - 70 تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنىڭ ئېغىرلىقى 57 - 80 گرام، شاكىلى سۇس قوڭۇر ھەم داغ چېكىتلىرى بار. ئۇۋا ياسىيالايدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 27 - 28 كۈن، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ياۋايىلىرى ياشىماقتا. ئۇنىڭ سورتلىرى ئاز بولغاچقا ھەممە جايلاردا بېقىپ كۆپەيتىلىدۇ. گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، پەيلىرىنى زىننەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
吐绶鸡
tǔ shòu jī