UyghurMain Dictionary
كۈرەش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زىددىيەتنىڭ قارىمۇقارشى تەرەپلىرى ياكى زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپ، شۇنىڭدەك قارىمۇ - قارشى ئىجتىمائىي گۇرۇھلار، قارىمۇ قارشى ئېقىملار، دۇنيا قاراشلار ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقنى، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۆزئارا توقۇنۇشى، ئېلىشىشى.
زىددىيەت تەرەپلىرىنىڭ كۈرىشى. سىنىپىي كۈرەش.
دۈشمەنلەشكەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش؛ جەڭ.
قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارماق.
داۋلى سۆزلەش، پاش قىلىش، ئەيىبلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۈشمەن ئۇنسۇر ياكى بۇزۇق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش مەزمۇن قىلىنغان ئاممىۋى ھەرىكەت.
كۈرەش قىلىش يىغىنى ئاچماق.
بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش، بىرەر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان پائالىيەت، ھەرىكەت.
دېھقانلار بېيىش يولىدا جاپالىق كۈرەش قىلماقتا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
جەڭ، كۈرەش، ئېلىشىش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
كۈرەشجان
جەڭ، ئېلىشماق