Uyghur←ChineseMain Dictionary
كۈمۈش پۇل مەھكىمىسى
Domain: دۇنيا تارىخى银座
yín zuò
ياپونىيىنىڭ ئېدۇ دەۋرىدىكى كۈمۈش پۇل قۇيىدىغان مەھكىمە. 1601 - يىلى (چىڭچاڭنىڭ 6 - يىلى) توكۇگاۋا ئېياسۇ كيوتودا تەسىس قىلغان. 1605 - يىلى سۈرۇگا (ھازىرقى شىزۇكا ناھىيىسى) دا يەنە بىرى قۇرۇلۇپ، 1612 - يىلى ئېدۇغا يەنى ھازىرقى توكيونىڭ گىنزا رايونىغا كۆچۈرۈلگەن. 1800 - يىلى (كۇەنجېڭنىڭ 12 - يىلى)غا كەلگەندە، يەنە ياپون كۆۋرۈكى يېنىدىكى لىكې كوچىسىغا كۆچۈپ بارغان. 1608 - يىلى خوككايدودا قۇرۇلۇپ، پايتەختتىكى مەھكىمىسىنىڭ تارماق ئورگىنى قىلىنغان. كېيىن تاشقى سودىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ناگاساكىدا يەنە بەزى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان. مېيجى يېڭىلىقى دەۋرىدە بۇ مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پۇللارنىڭ ھەممىسى بىردەك پۇل جۇجۇقى تەرىپىدىن قۇيۇلىدىغان بولغان. ئۇنىڭ كونا ئورنىنىڭ ئەتراپى (ياپونىيە كۆۋرۈكىدىن يېڭى كۆۋرۈك ئارقىلىق خىراكاۋغا بارىدۇ) تەدرىجىي ھالدا توكيونىڭ ئاۋات سودا رايونىغا ئايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.