UyghurMain Dictionary
كۈلگۈنچەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈلۈمسىرەپ، كۈلۈپ تۇرىدىغان.
ئۇ كۈلگۈنچەك قىز ھەممىنى ئۆزىگە تارتاتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دائىم كۈلۈپ تۇرىدىغان.
يىغلاڭغۇ
پات - پات ۋە ئاسانلا يىغلاپ تۇرىدىغان.
كۈلگۈنچەك كۆيدۈرىدۇ، يىغلاڭغۇ بەزدۈرىدۇ. ئالتۇن چىشلىق كۈلگۈنچەك بولۇپ قالىدۇ. ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ. كۈلگەكنىڭ كۆزى ياش. كۈلگەك قىزغا يىگىت ئەگىشەر، چىچقاق بالىغا كۈچۈك.
شىۋىلەر
جىق كۈلىدىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تولا كۈلىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان، كۈلگەك.
ئىلىك ئىپارگۈلنىڭ ئالمىدەك مەڭزىگە، كۈلگۈنچەك كۆزلىرىگە سۆيەتتى.