UyghurMain Dictionary
كۈلەردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئات كۈلەردى _ ئات يېتىۋالدى، يەنى ئات قورسىقى ئېسىلىشتىن ۋە شۇنىڭدەك سەۋەبلەردىن ئۆزىنى تاشلىۋەتتى ( كۈلەرۈر _ كۈلەرمەك). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەر ئوغلى مۇڭازماس ئىت ئوغلى كۈلەرمەس _ ئادەم بالىسى مۇڭلىنىۋەرمەس، ئىت بالىسى يېتىۋەرمەس. يەنى ئىت كۈچۈكى ئۆزىنى تاشلاپ يېتىۋەرمىگەندەك، ئادەم بالىسىمۇ قايغۇرۇپ يېتىۋەرمەيدۇ، بىر ئىلاج قىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ.
2 - 112