UyghurMain Dictionary
كۇچۇلا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كۇچۇلا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە ياكى سەل يۇمىلاق بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە كېلىدۇ، پىشقاندا سارغىيىدۇ. ئۇرۇقى يۇمىلاق تەخسە شەكلىدە بولۇپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن دورا قىلىنىدۇ. ھەيز ماڭدۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە، لېكىن زەھەرلىك. ئەسلىي ماكانى ھىندىستان.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى.