Chinese→UyghurMain Dictionary
库柏
دۇنيا تارىخى
كوپېر
(1) جىمىس فېنىموركوپېر (1789 - 1851) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. يېڭى جېرسېي شتاتىدا پومىشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھېرو ئۇنىۋېرسىتىتدا ئىككى يىل ئوقۇپ، مەكتەپتىن چېكىنىپ دېڭىز ئارمىيىسىگە كىرگەن. 1811 - يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا كەتكەن. 1821 - يىلى ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى مەزمون قىلغان كۆپ قېتىم ياۋرۇپادا ساياھەتتە بولغان. 1833 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، نيۇ - يورك شىتاتىدىكى كوپېرىستونغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ھاياتىدا 30 دىن كۆپرەك رومان يازغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى <بۇغما پۇت ھېكايىلىرى توپلىمى> بۇلۇپ، <بوز يەر ئاچقۇچ>، <ئېكىسپېدىستىيىچى>، <ئەڭ ئاخىرقى بىر موھېگان>، <يايلاق>، <بۇغا ئۆلتۈرگۈچى>دىن ئىبارەت بەش رومانىنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. بۇ ئامرىكا خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇش خۇيلۇقى ۋە بوز يەر ئاچقۇچىنىڭ باتۇرانە روھىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ھېكايىلىرى ھامان ئورمان بىلەن دېڭىز - ئوكياننى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ۋەقەلىكنى ئەگرى - توقاي قورقۇنۇچلۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەن. ئاپتورنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ئىندىئانلارغا بولغان ھېسداشلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. (2)توماس كوپېر (1759 - 1839) ئامېرىكىلىق ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى، خىمىيە ئالىمى. ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان. ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇقۇغان. 1794 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، پېنسىلۋانىيە شتاتىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1804 - 1118 - يىللىرى ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1811 - 1819 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دىكىنسون ئىنستىتۇتى ۋە پېنسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتىدا خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1820 - يىلى جەنۇبىي كارولىنا ئىنىستىتۇتىدا مۇئەللىمچىلىك قىلپ ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان. ماقالە يېزىپ قوشما شتات ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن نەچچە ئاي نەزەربەندكە ئېلىنغان. ئۇ، ماددىنىڭ ئەبەدىيلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئىدىيە - يۈكسەك دەرىجىدە تەشكىللەنگەن ماددا ئۇ تەبىئەت قانۇنىغا بويسۇنىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. رۇھنىڭ ئۆلمەسلىك تەلىماتىنى ئىنكار قىلغان، بىراق تەبىئەت ئىلاھچىلىقى دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقالمىغان، كىشىلەر تۇغۇلۇش بىلەنلا باراۋەر دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بىراق قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئەسەرلەرگە جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغان ھەمدە قۇلنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش <تەبىئىي ئادالەت> دېگەننى ئىسپاتلاپ بېرىش كويىدا بولغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى خىمىيە ۋە سىياسىي ئىقتىساد دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ چىقىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <سىياسىي ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.