Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىتلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
鲸目
jīngmù
سۇدا ياشايدىغان ئېمىتكۈچى ھايۋانلاردۇر. بەدەن شەكلى بېلىققا ئوخشايدۇ، سۇدا ئۈزۈشكە ماسلاشقان. ئالدى پۇتى پالاقسىمان، كەينى پۇتى يوقالغان، بەدەن سىرتىدىكى تۈكلىرى رۇدىمېنتلاشقان (ھامىلىنىڭ باش قىسمىدا تۈكلىرى ساقلانغان). تېرە ياغ بېزى يوقالغان، تېرە ئاستىدىكى مېيى قېلىنلاشقان (20 - 50 سانتىمېتىر)، بويۇن ئومۇرتقىسىدا بىرىكىش ھادىسىسى مەۋجۇت. <دۈمبە پالاقچىسى> ھەم ئاچىسىمان گورىزونتال قۇيرۇق پالاقچىسى بار. بۇرۇن تۆشۈكى بېشىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان، گىرۋىكىدە كلاپان پەردىسى بولۇپ، سۇ كىرگەندىن كېيىن ئېيتىلىپ قالىدۇ. سۇ پۈركۈپ چىقارغان ئاۋازى ناھايىتى ياڭراق بولۇپ، ئىنتايىن ئېگىز تۇمانسىمان سۇ تۈۋرۈكى شەكىللەندۈرىدۇ، سۇ تۈۋرۈكىنىڭ شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كىت تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا سۇ بۇرۇن تۆشۈكى سۇ پۈركۈش تۆشۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆپكىسى ئېلاستىكىلىققا ئىگە، سىرتقى قۇلىقى رۇدىمېنتلاشقان، چىش تىپى ئالاھىدە (چىشى بار تۈرلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ چىشى ئوخشاش تىپتىكى ئۆتكۈر كونۇس شەكىللىك چىشتىن ئىبارەت). كىتلار ئەترىتىدىكىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى دېڭىز - ئوكيانلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى تاتلىق سۇلاردىمۇ ياشايدۇ. چوڭلۇقى تۈرلىرىگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ، ئەڭ كىچىكلىرى ئاران بىر مېتىر ئەتراپىدا، ئەڭ چوڭلىرى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئادەتتە لەيلەپ يۈرگۈچى ھايۋانلار، مولليۇسكلار ھەم بېلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، بەزى تۈرلىرى پىنگۋىن، تيۇلېن قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ. تىرىك تۇغىدۇ، ئادەتتە ھەر نۆۋەت بىردىن تۇغىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى سونارغا تايىنىپ يول ماڭىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ. بۇ ئەترەت 90 دىن ئارتۇق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي قىممىتى زور، گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، مېيىنى سانائەت خام ئەشياسى قىلىشقا، تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلەشكە، ئۇستىخىنىدىن سۆڭەك پاراشوكى تەييارلاشقا، جىگىرىدىن دورا ياساشقا بولىدۇ. ئىككى كەنجى ئەترەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ بۇرۇتلۇق كىتلار كەنجى ئەترىتى، چىشى يوق، كىت بۇرۇتى (باللېئىن) بار. مەسىلەن، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق كىت، كۆك كىت، كىچىك پولوساتىك قاتارلىقلار؛ چىشلىق كىتلار كەنجى ئەترىتى. چىشى بار، كىت بۇرۇتى (باللېئون) يوق. مەسىلەن، دېڭىز دېلفىنى، دەريا دېلفىنى، كاشالوت قاتارلىقلار. دېڭىز دېلفىنلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان ئاۋاز دولقۇنى بويىچە ئورۇن بەلگىلەش تۈزۈلۈشىگە ئىگە بولۇپ، ھازىر كۆندۈرۈلۈپ دېڭىز ئاستىدىكى ئىشلارغا سېلىنماقتا. شۇنداقلا بىئونىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئىلمىي تەتقىقات ھەم سانائەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە.