Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىتاساتو شىباسابۇرۇ
Domain: دۇنيا تارىخى北里柴三郎
běi lǐ chái sān láng
(1853 - 1931) ياپونىيىلىك باكتېرىئولوگ. مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى. كۇماموتو ناھىيىسى ئاسۇگۇنىنىڭ كىتاساتو كەنتىدىن. 1883 - يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1885 - يىلى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا بارغان. 1882 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇپ، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1915 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن، باشقىدىن كىتاساتو تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1917 - يىلى كېئىئو ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1923 - يىلى ياپونىيە مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گېرمانىيىلىك باكتېرىئولوگ بېرىن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، قاتما ئانتىتوكسىن (1890) ۋە بوغما ئانتىتوكسىن (1892)نى كەشىپ قىلغان ھەمدە شۋېتسارىيىلىك باكتىرىئولوگ يېشىن بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بەز چۇماسىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى - چۇما تاياقچە باكتېرىيىسى (1894) نى ئاجرىتىپ چىققان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.