Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىتايائو
Domain: دۇنيا تارىخى卑弥呼
bēi mí hū
مىلادى Ⅲ ئەسىردىكى ياپونىيە ياماتو دۆلىتىنىڭ ئايال پادىشاھى. جۇڭگونىڭ <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ تەزكىرىسى. ياپونلار ھەققىدە قىسسە> دە مەلۇمات بېرىلگەن. ئايال پادىشاھ ھەم دىنىي داھىي بولغان ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى 20 نەچچە ئۇششاق بەگلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئېرى يوق، ئىنىسى ئۇنىڭغا نائىبلىق قىلغان، ئۇنى كۈتىدىغان 1000 دىن ئارتۇق كىنىزىكى بولغان. ئوردىنى ئەسكەرلەر مۇھاپىزەت قىلغان. ۋېي پادىشاھلىقى جىڭچۇنىڭ 2 - يىلى (مىلادى 238 - يىلى، ياپونىيە ئالىملىرى ئىچىدە جىڭچۇنىڭ 3 - يىلى دېگەن قاراشمۇ بار) تەپتىش بېگى نان ماسۇكومېينى ۋېي پادىشاھلىقىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، ۋېي پادىشاھى مىڭدى كىتايا ئوغا <ۋېيپەرەس ياپون پادىشاھى> دەپ نام بەرگەن. جېڭشىنىڭ 1 - يىلى (240) ۋېي پادىشاھى چىۋاڭ ياپونىيىگە ئەلچى ئەۋەتكەن. كېيىن يەنە كۆپ قېتىم باردى - كەلدى قىلىشقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ياسىتىلغان قەبرىنىڭ دىئامېتىرى 100 قەدەمدىن ئاشقان، 100 دىن ئارتۇق كېنىزەك قوشۇپ دەپنە قىلىنغان. ئەر پادىشاھ ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، پۇقرالار قايىل بولمىغاچقا، ئايال پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغان يىيۇي دېگەن ئايال پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. بۇنىڭدىن ياپونىيىنىڭ شۇ چاغدا ماترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى جەمئىيەتتىن پاترىئارخاللىق تۈزۈمدىكى جەمئىيەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.