Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېسىشكەن ئېرسىيەت
Domain: بىئولوگىيە交叉遗传
jiāochāyíchuán
ئاتىلىق گامېتىنى ھەر خىل بولغان جانلىقلاردا شالغۇت ئەۋلادىنىڭ چىشىسى ئاتىسىغا، ئەركىكى ئانىسىغا ئوخشايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇ جىنىسقا ئەگەشكەن ئىرسىيەتتە دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە، ساپ بىرلەشكەن مۇتاتسىيىلىك گېنلىق ئانىلىق بىلەن ياۋايى تىپلىق ئاتىلىق چېتىشتۇرۇلغاندا، ئاتىلىق ئەۋلادىدىكى بىردىنبىر X خروموسوما ئانىلىقتىن كەلگەن بولۇپ، ئانىلىقنىڭ مۇتاتسىيىلەنگەن تىپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئانىلىقتىكى ئىككى تال X خروموسوما ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاتىلىق ۋە ئانىلىقتىن كەلگەن موتاتسىيىلەنگەن گېننىڭ ئارلاش زىگوتىلىق تەنچىسى بولۇپ، ئاتىلىقنىڭ ياۋايى تىپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، ئادەملەرنىڭ قىزىل - يېشىل رەڭ قارىغۇسىنىڭ ئىرسىيىتى.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.