Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىسپادانا جۇمھۇرىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى契斯帕达纳共和国
qì sī pà dá nà gòng hé guó
ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىدە قۇرغان جۇمھۇرىيەت. لاتىن تىلىدا كىسپادانوس (پو دەرياسىنىڭ جەنۇبىي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئاتالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1796 - يىلى ناپولېئون ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، سادىن بىلەن ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، لېزو، پولۇنىيە ۋىنرارا ۋە مانتويا قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. فېئوداللىق ھوقۇقنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە پۇقرالارنىڭ تەڭ - باراۋەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇن پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1797 - يىلى 7 - ئايدا ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ ئالپ تاغلىرى جۇمھۇرىيىتى بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.