Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىسېنوپول
Domain: دۇنيا تارىخى克基诺波尔
kè jī nuò bō ěr
(1847 - 1920) رومىنىيىلىك تارىخشۇناس. پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى. ياسىيدىكى بىر بيوروكرات بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بېرلىن ۋە گېسېندا قانۇن، پەلسەپە ۋە تارىخ ئوقۇغان. دەسلەپ تەپتىش بولغان، كېيىن ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1883 - يىلى ياسىي ئۇنىۋېرسىتېتى رومىنىيە تارىخ پروفېسسورى بولغان. سىياسىي جەھەتتە بۇرژۇئا لىبېرالىزمغا يېقىن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى <تۇرا ئودا - سىيىدىكى رومىنىيىلىكلەر تارىخى> ناملىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا رومىنىيە تارىخى بىلەن دۇنيا تارىخىنىڭ مۇناسىۋىتى بايان قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.