UyghurMain Dictionary
كېسىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان قەتئىي قارار.
قارىۋېلىپ ھۆكۈمنى ئېيت. ئەلنىڭ ھۆكۈمى لىللا. كېسىم كېسىلگۈچە، ھەق ئۆلگۈچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. پىچىش ئىشى.
بۇ چاپاننىڭ كېسىمى جايىدا.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، كېسىلگەن ياكى كېسىپ پارچىلانغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر كېسىم نان.
سۈپ. ھۆكۈم قىلىدىغان، ھۆكۈملەيدىغان.
كېسىم سۆز. كېسىم جۈملە.
ئى. <قا> سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەنزىلەرگە قاراپ چىقىش جەريانىدا، مەلۇم مەسىلىلەر ئۈستىدە چىقىرىدىغان قارارى.
كېسىم قىلماق. كېسىم ئېلان قىلماق.