Uyghur←ChineseMain Dictionary
كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى人权宣言
rén quán xuān yán
تولۇق نامى <كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى خىتابنامىسى>. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ پروگرامما خاراكتىرلىك ھۆججىتى. 1789 - يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مۇنئېنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنى تەييارلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشىپ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ماقۇللىغان، كېيىن ئۇنى <1791 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>نىڭ كىرىش سۆزى قىلغان. خىتابنامىدە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك خىتابنامىسى ئۈلگە قىلىنغان، ⅧⅩ ئەسىردىكى مەرىپەتچىلىك ئىلمى ۋە تەبىئىي ھوقۇق نەزەرىيىسى چىقىش قىلىنىپ، ئەركىنلىك، مال - مۈلۈك، بىخەتەرلىك ۋە زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش - تەڭرى ئاتا قىلغان تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكى، سۆزلەش، ئېتىقاد، ئەسەر يېزىش، نەشىر قىلىش ئەركىنلىكى؛ خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، پارلامېنت تۈزۈمى ۋە ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش؛ قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باپباراۋەر بولۇش جىنايەتنى قانۇن بويىچە كېسىش ۋە گۇناھسىز دەپ قاراش؛ خۇسۇسىي مۈلۈكنىڭ دەخلى - تەرۇزسىزلىكى جاكارلانغان. بۇ خىتابنامىدە فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنىڭ تۇغى بولۇپ، كونا تۈزۈمنىڭ ھالاك بولغانلىقى ۋە يېڭى تۈزۈمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.