UyghurMain Dictionary
كېسەل ساقايغۇسى كەلسە تېۋىپ ئۆزى كېلەر
Domain: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، بىرەر قىيىن ئىشنىڭ ھەل بولغۇسى كەلگەندە كاشىلسىز ئۆزلۈكىدىن ئوڭغا تارتىپ، تۈرلۈك شەرت - شارائىتلار ئەپلىشىپ، ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: بۈگۈن كەچقۇرۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە خالىس بىر تېۋىپ كېلىپ قالدى. دانىش ئىمام خۇشال بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇ «كېسەل ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر» دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنەتتى.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.