Uyghur←ChineseMain Dictionary
كرېت ئارىلى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
克里特岛起义
kè lǐ tè dǎo qǐ yì
كرېت ئارىلىدىكى گرېك ئاھالىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. گرېتسىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كرىت ئارىلىدىكى گرېك ئاھالىلىرى كۆپ قېتىم تۈركىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭى 1866 - 1869 ۋە 1896 - 1897 - يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1866 - يىلى تۈركىيە دائىرلىرى كرېت ئارىلىدا تاماكا، تۇز ۋە ھاراق بېجىنى ئۆستۈرۈپ، گرېك مەكتەپلىرىنى تاقىغان، 5 - ئايدا ئارالدىكى ئاھالىلەر سۇلتانغا ئىلتىماس سۇنۇپ، مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن نەتىجە چىقمىغان. قوزغىلاڭ پارتلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، باستۇرۇشقا كەلگەن تۈركىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. گرېتسىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى پىدائىيلار قوشۇنىنى توپلاپ، قوراللىق قىسىملارنى ياردەمگە ئەۋەتىپ قوللىغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا روسىيە ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە نوتا تاپشۇرۇپ، كرىت ئارىلىنى گرېتسىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرغا قويغان، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. 1869 - يىلى 1 - ئايدا ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرغا چىقىپ مۇرەسسە قىلىپ، گرېتسىيەنىڭ قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىشىنى توختىتىشقا مەجبورلاپ، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولغان. 1896 - يىلى 3 - ئايدا تۈركىيە سۇلتانىنىڭ خرىستىئان دىنىدىكى ئۆلكە باشلىقىنى ئىسلام دىنىدىكى ئۆلكە باشلىقلىقىغا ئالماشتۇرۇۋېتىشى، 1896 - 1897 - يىللىرىدىكى قوزغىلاڭنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوزغىلاڭچىلار قوزغىلاڭ قىلىش كومىتېتى قۇرغان. 5 - ئايدا گرېك ئاھالىلىرىنى قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ گرېتسىيە بىلەن بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان. 11 - ئايدا تۈركىيە كرېت ئارىلى ئاھالىلىرى ئۈستىدىن ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1897 - يىلى 2 - ئايدا گرېتسىيە ئارمىيىسى كرېت قۇرۇقلۇقىغا چىقىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەن. 4 - ئايدا تۈركىيە گرېتسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. گرېتسىيە مەغلۇپ بولۇپ، قوزغىلاڭ باستۇرۋېتىلگەن. 1898 - يىلى تۈركىيە ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كرېت ئارىلىنىڭ مەمۇرىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولوشىغا ماقۇل بولغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىرلىشىپ قوشۇن ئەۋەتىپ كرېتنىڭ مۇھىم شەھەر - بازارلىرىنى بېسىۋالغان. روسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن گرېتسىيە كورۇلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، شاھزادە گېئورگې كرېت ئارىلىنىڭ ئالىي ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن.