UyghurMain Dictionary
كىرتۈ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىن دىلدىن بېرىلگەن، راستچىل.
سادىق قەلب مۇھەببەتنىڭ بىخەتەر مەنزىلىدۇر. خەلققە سەمىمىي، ئىشقا ئەستايىدىل بول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنىڭ ھەقلىق، سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش، ئۇنىڭغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرەر مۇقەددەس نەرسىنى (قۇرئان، نان، داستىخان ....) دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتىلغا سۆز، يالغان بولۇپ قالسا، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ دېيىشىدۇ.
قەسەم قىلىچتىن ئۆتكۈر. ھەقىقەتكە قەسەم كەتمەيدۇ. ئانتنى بۇزۇش - خائىنلىق. ئانت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەك، قان ئىچكۈچى كېلەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قەسەم.
1 - 543
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىشەنچىلىك، ھەقىقىي، راست؛ توغرىلىق، راستلىق.
ئۆلگەن كىشى توغرىسىدا « ئول كىرتۈ يېردە ئول» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «ئۇ راستلىق جايىدا، ئۇ توغرىلىق يالغان ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېمەكتۇر. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ، « ئول تەڭرىگە كىرتىندى _ ئۇ تەڭرىگە ئىشەندى، پەيغەمبەرنى تەستىقلىدى» دېيىلىدۇ.
1 - 543
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سەمىمىي، سادىق