Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېرسۇنېس
دۇنيا تارىخى
刻松
kè sōng
يۇنانچە يېرىم ئارال دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رايون ۋە شەھەرنىڭ ئىسمى. (1) تراكىيىدىكى كېرسۇنېس. تراكىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئېگېي دېڭىزىغا سوزۇلۇپ كىرگەن تار يېرىم ئارال بولۇپ، ھېللېسپون بىلەن مىلاس بوغۇزىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 74 كىلومېتىر كىلىدۇ، ھازىر گاللىپولى يېرىم ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە مىلتىيادې باشچىلىقدىكى بىر تۈركۈم ئافىنا مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرنى مۇستەملىكە قىلغان. داردانىل بوغۇزىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى بوغۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا كىچىك ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ قاتناش تۈگۈنى، ستراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرى) بىر مەھەل پېرسىيە ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىن ئافىنا ۋە سپارتانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن ئارقىمۇ ئارقا ماكېدونىيە ۋە ئالېكساندرنىڭ ۋارىسى (لىسماكوس) ھەمدە رىمغا بېقىندى بولۇپ قالغان. (2) سىتىيادىكى كىرسونېس. يەنى ھازىرقى قىرىم يېرىم ئارىلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە قارا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ھېراكلىيە شەھىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىرى يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، يەنى ھازىرقى سىۋاستىپولنىڭ يېنىدا بىر شەھەر بەرپا قىلىنغان، بۇنىڭغا ھېراكلىسدىكى كېرسونېس دەپ نام بىرىلگەن. يەنى ھازىرقى خېرسون. بۇ شەھەر ئافىنا ھەمدە يۇناننىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن سودا قىلغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مۇھىم سودا - سانائەت ۋە مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بىر مەھەل پونتوس پادىشاھلىقىغا (كىچىك ئاسىيادا) بېقىندى بولۇپ قالغان، كېيىن ئۇزاق مۇددەتكىچە رىمغا قارام بولغان. رىمنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا ئەگىشىپ، گوتلار، موڭغۇللار ۋە ئوسمان تۈركلىرى قاتارلىق يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا سىتسىلىيە، ساردىنىيە، ئېئوبىيە (يۇنان)نىڭ ئاراللىرى ھەمدە شىمالىي ئافرىقا (سىرېنايكا) كېرسونېس نامىدىكى شەھەرلەر بار.