UyghurMain Dictionary
كرېسىي جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - فرانسىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇرۇشىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ بولۇپ، 1346 - يىل 8 - ئاينىڭ 62 - كۈنى فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كرېسىي ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد Ⅲ قوماندانلىق قىلغان قوشۇن ئوقياچىلار بىلەن ئېغىر ساۋۇتلۇق پىيادە ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلغان. فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅵ قومدانلىقىدىكى قوشۇن ئېغىر ساۋۇتلۇق رىتسارلاردىن تەركىپ تاپقان. جەڭ داۋامىدا، ئەنگلىيە قوشۇنى 300 قەدەمگە يېتىپ بارالايدىغان ئوقيالىرىنى توپلانغان فرانسىيە رىتسارلىرىغا قارىتىپ ئېتىپ، فرانسىيە قوشۇنىنى پاتىپاراق قىلىۋەتكەن، فرانسىيەنىڭ 1500 دەك رىتسارلىرىنى چىقىمغا ئۇچراتقان.ئەنگلىيە ئارمىيىسى غەلىبىسېرى شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، كالىي پورتىنى قورشىۋالغان ھەمدە 1347 - يىلى ئۇنى ئىشغال قىلىۋالغان.