Uyghur←ChineseMain Dictionary
كرودىيە مۇستەقىل دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
克罗地亚独立国
kè luó dì yà dú lì guó
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى سابىق يۇگۇسلاۋىيىدىكى كرودىيە فاشىست قورچاق ھاكىمىتىيى. 1941 - يىلى 4 - ئايدا يۇگۇسلاۋىيە ئوق مەركىزىي دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ يۆلىشى بىلەن كرودىيىدىكى زاگرېبدا قۇرۇلغان. ئۇسىتاسچىلاردىن ئانتې پاۋېلىچ (1889 -p 1959) <باش ۋەزىر> بولغان. كېيىن بوسنىيە - گېرېتسېگوۋىنامۇ بۇ <مۇستەقىل دۆلەت> كە كىرگۈزۈۋېلىنغان. چوڭ خورۋاتچىلىقنى ۋە كوممۇنىزمغا قارشى سىياسەتنى يۈرگۈزگەن. 1943 - يىلى 9 - ئايدا ئىتالىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېقىنغان. 1944 ـ يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن.