Uyghur←ChineseMain Dictionary
كېرېنىسكى
Domain: دۇنيا تارىخى克伦斯基
kè lún sī jī
(1881 - 1970) روسىيە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمتىنىڭ زۇڭلىسى (1917). 1904 - يىلى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1912 - يىلدىن باشلاپ تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت دوماسىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 1917 - يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، پېتروگراد سوۋېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت دوماسى ۋاقىتلىق كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى، 5 - ئايدىن باشلاپ قۇرۇقلۇق دېڭىز ئارمىيىسى مىنىستىرى، 7 - ئايدىن باشلاپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى، 9 - ئايدىن باشلاپ قوشۇمچە روسىيە ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان مەزگىلدە بۇرژۇئا، پومېشچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغان، سىرتقا قارىتا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىي دەۋرىدە، 1918 - يىلى فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1940 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ، <خەلق ئەركىنلىكى كۈرەش ئىتتىپاقى>نى تەشكىللەپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <بولشېۋىزمنىڭ مۇقەددىمىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.