Uyghur←ChineseMain Dictionary
كرىنوئىدىيە سىنىپى
بىئولوگىيە
海百合纲
hǎibǎihégāng
دېڭىز گۈلسامسىقى سىنىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. بەدىنىنى ئىككى تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ؛ چوڭقۇر دېڭىزلاردا ياشايدىغان تۈرلىرىنىڭ تېنى مەركىزىي تەخسىسى، بېغىشلىرى ۋە ساپىقى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ساپىقى ئارقىلىق دېڭىز تېگىگە جايلىشىدۇ، مەركىزىي تەخسىسى ھالقا شەكىللىك بولۇپ، ئېغىز تەرىپى ئۈستىگە قارىغان، تۆۋەنگە قارىغان تەرىپى ساپاق ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېغىزىنىڭ ئەكسى تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. بەش بارماقچىسى بولۇپ، ھەر بىر بارماقچىسى تۈۋىدىن تارتىپلا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولغاچقا ئون بارماقتەك كۆرۈنىدۇ. بارماقلىرىدىن يەنە نۇرغۇنلىغان يان شاخلار بۆلۈنۈپ چىقىپ پەيسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئەركىن ئېگىلىپ ھەرىكەت قىلالايدۇ؛ ساپاقسىز توپلىرىمۇ بولىدۇ. دېڭىز گۈلسامسىقىدا تەرەققىي قىلغان كالتسىيلىق سۆڭەك پلاستىنكىسى بولۇپ، مەركىزىي تەخسىسى نۇرغۇنلىغان سۆڭەك پلاستىنكىلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن مۇستەھكەم قاپچۇقتىن ئىبارەت. غەلۋىر پلاستىنكىسى يوق، تىكەن ۋە ئامبۇر تىكەنچىسىمۇ بولمايدۇ. پالېئوزۇي ئېراسىدا ناھايىتى ئاينىغان، ھالبۇكى ھازىر ساقلىنىپ قالغان تۈرلىرى ۋە سانى ناھايىتى ئاز. زور كۆپچىلىكى چوڭقۇر دېڭىز ئاستىلىرىغا تارقالغان، تېيىز دېڭىزلاردىكى تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ساپىقى بولمايدۇ. مەسىلەن، دېڭىز گۈلسامسىقى (مىتاكرىنۇس metacrinus) چوڭقۇر دېڭىز تېگىدە تىك تۇرۇپ ياشايدۇ، ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن تېنى گۈلسامساققا ئوخشايدۇ؛ ئانتېدون Antedon نىڭ سۇپىقى يوق ھەم كۆپلىگەن يۆگىمەچ شاخلىرى بولۇپ، پۈتۈن تېنى قىرىق قۇلاق ئۆسۈملۈكلىرىگە ئوخشاش تېيىز دېڭىزلاردا، ئادەتتە ئەركىن ئۈزۈپ ھايات كەچۈرىدۇ، شۇنداقلا قىيا تاش ۋە دېڭىز يۈسۈنلىرىگە ۋاقتىنچە چاپلىشىپمۇ ياشايدۇ.