UyghurMain Dictionary
كىرىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈرلۈك مەنبەدىن تۈرلۈك يول بىلەن كىرىدىغان پۇل - مال ۋە ماددىي نەرسىلەر.
ھارام كىرىمنىڭ كويىغ چۈشۈش - زىياننىڭ باشلىنىشى. كىرىم مەنبەسىنى ئىچىش، چىقىمنى تېجەش كېرەك. «گۇڭشې ۋاقتى» داجىق ئەزالارغا دارامەت تەگمەيتتى. تۈنۈگۈنكى سودىدىن خېلى تاپاۋەت تاپقانسەن؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەرخىل يول بىلەن كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ
خىراجەت، چىقىم
ھەرخىل ئىشقا سەرپ قىلىنغان مەبلەغ.
دارامىتىڭگە قاراپ خىراجەت قىل. يوليورۇق توغرا بولسا، چىقىم كىرىمگە ئايلىنار. چىرايلىقنىڭ چىقىمى تولا. كىرىم بىلەن چىقىم - قېرىنداش تۇغقان، كىرىمىڭنى چىقىمىڭ بىلەن ئۆلچە. دۇنيادا ئېلان كىرىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، ھەر يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا 500 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىلغان ئىش، كەسىپ، تىجارەت قاتارلىقلاردىن كىرگەن پۇل، مەبلەغ.
يىللىق كىرىم. دېھقانچىلىق كىرىمى.
ئالدىنقى يىللىرى بۇ يېزىدا مەھسۇلات ئاشسىمۇ كىرىم ئاشماي كەلگەنىدى.