Uyghur←ChineseMain Dictionary
كرىلوۋ
ئىستېتىكا
克雷洛夫
kè léi luò fū
دۇنيا تارىخى
克雷洛夫
kè léi luò fū
(1769 - 1884) روسىيىلىك مەسەلچى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدا تۇرمۇش قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇقۇشنى تاشلاپ بالا خىزمەتچى بولغان، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زۇلمىدىن نارازى بولغان. ئۆزلۈكىدىن ئەدەبىياتنى قىتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، 14 يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئىلگىرى - ئاخىر وبلۇپ <زېرەك پوچتا>، <ئوبزورچى>، <مۇقەددەس پېتربۇرگ مېرىكۇرىيىسى> قاتارلىق ھەجۋىي خاراكتىردىكى ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرقانچە كومېدىيە ۋە ئىككى يۈز پارچىدىن كۆپرەك مەسەل ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ئاساسەن ھايۋاناتلارنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق چارروسىيە جەمئىيىتى مەسخىرە قىلىنغان. مەسىلەن: <بۆرە بىلەن قوزا>، <ھايۋانلاردىكى ۋابا كېسىلى> قاتارلىق مەسەللىرىدە فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلاrنىڭ خەلقنى ئەزگەنلىكىنى پاش قىلغان؛ <بېلىقنىڭ ئۇسسۇلى>، <ئالا قوي> قاتارلىق مەسەللىرىدە چارروسىيەنىڭ ساختىپەزلىكىگە دارتمىلاپ ھۇجۇم قىلغان، <ھەسەل ھەرىسى بىلەن چىۋىن>، <يىڭناغۇچ بىلەن چۈمۈلە> قاتارلىق مەسەللىرىدە پومىشچىكلار بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۇرۇن ۋە ئەخمەقلىقىنى مەسخىرە قىلغان، <موكا بېلىق بىلەن مۈشۈك>، <مۈشۈك بىلەن ئاشخانا>، <بۆرە ئىتلار ئارىسىدا> قاتارلىق مەسەللىرىدە 1812 - يىلىدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن؛ <مودا دۇكىنى>، <تەربىيە كۆرگەن ئايال> ناملىق ھەجۋىي كومىدىيىسىدە تىرىكتاپ سىنىپلارنىڭ قارىغۇلارچە چەت ئەلگە خۇشامەت قىلىشىنى مەسخىرە قىلغان. مەسەللىرى ئومۇمەن شېئىر شەكلىدە يېزىلغان، ژانىرلىرى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىگە يېقىن بولۇپ، روسىيە ئەدەبىياتى بىلەن تىلنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.