Uyghur←ChineseMain Dictionary
كرىكو
دۇنيا تارىخى
克雷科
kè léi kē
(1888 - 1978)، ئىتالىيىلىك رەسسام. گرېتسىيىدە تۇغۇلغان. ئىنژېنىر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئافىنا، ميۇنخېن، پارىژدا رەسسامچىلىقنى ئۆگەنگەن، سيوررېئالىزمغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىرى. 1915 - 1918 - يىللىرى ئىتالىيىدە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، فېرارا، رىم شەھىرىدە تۇرغان، نوقۇل سەنئەتچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق 30 - يىللاردىن باشلاپ، مودىرنىزمنى تەنقىد قىلغان، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنش دەۋرىدىكى ئەسەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى كلاسسىكىزم تەرەپدارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ: <كەچكۈزدىكى ئۇيقۇدىن كېيىنكى تېپىشماق>، <بۇت تەكچىسىدىكى سىر>، <شائىرنىڭ لەززىتى>، <ھۆكۈما>قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى بار.