—Reference
كۆپتۈرۈش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. پېرسوناژلار ۋە مۇھىتنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان كۇچەيتىش، تەكرارلاش قاتارلىق تەسۋىرى ئوخشىتىش.
كۆپتۈرۈش ئادەتتە كۆپرەك مۇھىت، پېزاژ، پېرسوناژلارنىڭ پىسىخىك ھالىتى، ھەرىكىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى تەسۋىرلەشتە سۈپەتلەش ھەم جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈش، بەدىئىي ئۈنۈمنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە قوللىنىدۇ.