UyghurMain Dictionary
كىپلىڭ
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1936) ئەنگلىيىلىك ئەدىب. ھىندىستاندا تۇغۇلغان. ئالتە يېشىدا ئەنگلىيىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن. كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ كېتىپ ئاخبارات مۇخبىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1889- يىلدىن باشلاپ <ئارمىيە خەلق گېزىتى> نىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان. ئەنگلىيە - بۇر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقىدا گېزىت چىقىرىپ، ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەرىكىتىنى ئاقلىغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <جىم> ناملىق رومانى، <گازارما ناخشىسى> ناملىق شېئىرى ۋە <رىنئون كىتابى> ناملىق بالىلار ھېكايىسى قاتارلىقلار بار. 1907 - يىلى رابېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.