UyghurMain Dictionary
كوزا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەخسۇس ئىشلەنگەن لايدىن خۇمداندا پىشۇرۇلغان قاچىلار.
<ئىدىش> ئومۇمىي نام. چوڭراقى <كۇپ> ئارىراقى <كوزا>، كىچىكرەكى <كومزەك> دېيىلىدۇ.
مايمان ئىدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. كۇپتىكى بېلىقنى تۇتماق ئاسان. كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ. تېگى كۆرۈنمىگەن كومزەكتىن سۇ ئىچمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ماي، سۇ قاتارلىق سۇيۇق نەرسىلەرنى قاچىلاش ئۈچۈن ھېجىردىن ياسالغان قورساقلىق، بوغۇزى تار قاچا؛ كومزەك.
كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار (ماقال).
لايدىن ياسىغان خام كوزا سۇغا چۈشسە ساق چىقماس (ماقال).