Chinese→UyghurMain Dictionary
寇松
دۇنيا تارىخى
كۇرزون
(1859 - 1925)، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ھىندىستان ئىشلىرى مۇئاۋىن ئەمەلدارى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى بولغان. 1898 - 1905 - يىللاردا ھىندىستان باش ۋالىيسى بولۇپ ھىندسىتاننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرا رايونىدىكى مىللىي قوزغىلاڭنى باستۇرغان ھەمدە ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت ئاپپاراتنى كۈچەيتكەن. 1919 - 1924 - يىللاردا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان ۋە سوۋېت روسىيىسىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشنى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1920 - يىلى سوۋېت روسىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسى پولشا ئارمىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەرگەن چاغدا، كۇرزون سىزىقىنى سوۋېت روسىيىسى بىلەن پولشانىڭ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، 1923 - يىلى ئەنگلىيە سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمتىگە ئولتىماتۇم تاپشۇرغان ھەمدە شۇ يىلى سوۋېت روسىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بارون، گراف، ماركىز ئۇنۋانى بېرىلگەن. <روسىيە ئوتتۇرا ئاسيادا>، <پېرسىيە ۋە پېرسىيە مەسىلىسى>، <يىراق شەرق مەسىلىسى>، <داشۆ ئىسلاھاتىنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى> دېگەن ئەسەرلىرى بار.