Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوتون
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
科通〈秘、毛里求〉
kē tōng 〈mì 、máo lǐ qiú 〉
دۇنيا تارىخى
库东
kù dōng
(1755 - 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پۇتى پالەچ، ئۇستا ناتىق، 1790 - يىلى كلېرمون شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئىككىنچى يىلى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ ياكوبىنچىلارنىڭ جارچىسىغا ئايلانغان. 1792 - يىلى 9 - ئايدا مىلىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. 1793 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا قاتنىشىپ، 8 - ئايدا لېئان ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلىڭىنى باستۇرغان، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مىللىي ئۇيۇشمىغا رەئىس بولۇپ سايلانغان. روبىسپېر، سېن - جۇست قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىنىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ قالغان. 1794 - يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مىللىي ئۇيۇشمىغا چوپان ئېيى پەرمانىنى سۇنۇپ، تېررورلۇق دىكتاتۇرىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. شۇ يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ خەت - چەكلىرى توپلىمى بار.