Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوسست
دۇنيا تارىخى
科苏特
kē sū tè
(1802 - 1894) ۋېنگرىيە مىللىي ئازادلىق ھەركتىنىڭ داھىيىسى. ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1832 - 1836 - يىللىرى چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خۇسۇسىي ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋېنگرىيە پارلامېنتىغا قاتناشقان. <پارلامېنت خەۋەرلىرى> نى چىقىرىپ، ھابىسبۇرگ پادىشاھلىقىغا قارشى چىققانلىقتىن، نەزەربەند قىلىنغان. 1841 - يىلى 1 - ئايدا <بۇداپىشت خەۋەرلىرى گېزىتى> نى نەشىر قىلىپ، بۇرژۇئازىيىچە ئىسلاھات ۋە مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش تەلىپىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋېنگرىيىنىڭ تونۇلغان سىياسىئونى بولۇپ قالغان. 1847 - يلى 11 - ئايدا ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1848 - يىلى 15 - مارتتىكى، <بۇداپىشىت قوزغىلىڭى>دىن كېيىن، ۋېنگرىيىنىڭ جاۋابكار ئىچكى كابېنت مالىيە مىنىسىتىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 7 - ئايدا، ۋېنگرىيە 1 - نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلىنىپ، ۋېنگرىيە خەلق ئارمىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 9 - ئايدا، ۋەتەننى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئاۋسترىيە قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قوراللىق كۈچىنى پائال ئۇيۇشتۇرغان. 1849 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ۋېنگرىيىنىڭ ئاۋسترىيىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، دۆلەت باشلىقى بولغان. لېكىن دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى ۋە غەيرىي ۋېنگىر مىللەتلىرى بىلەن ئىتتپاقلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي، چارروسىيە، ئاۋستىريە قوشۇنلىرىنىڭ بىراقلا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ۋېنگرىيىدىكى ئوڭچىل تەسلىمىچى كۈچلەرنىڭ تەھدىتى ئارقىسىدا، 1849 - يىلى 8 - ئايدا ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبور بولۇپ، تۈركىيىگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. ئاۋستىريە ھۆكۈمىتى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغاندىن كېيىن، سىرتىدىن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان. 1852 - 1859 - يىللىرى ئەنگلىيىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ، كېيىن تۇرېنغا كۆچۈپ بارغان. 1859 - يىلى ئىتالىيەنىڭ بىرلىك ھەركىتى مەزگىلىدە، ۋېنگرىيە كورپۇسىنى تەشكىل قىلىپ، گارىبالدى ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاۋستىرىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1867 - يىلى دۇئالىستىك تۈزۈمىدىكى ئاۋستىريە - ۋېنگرىيە بىرلەشمە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. كېيىن ئىتالىيىدە ئۆلگەن.