UyghurMain Dictionary
كوسالا
دۇنيا تارىخى
ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. گانگ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ شىمالىغا يەنى ھازىرقى شىمالىي شتات رايونىغا جايلاشقان. <ساتاراتا براھمانا> دېگەن كىتابتا ھەممىدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان. بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋردە شۇ چاغدىكى تۆت چوڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. پايتەختى شىرۋى شەھىرى ھەم بالدۇرقى پايتەختى ئاجانتا شەھىرى شۇ چاغدىكى سەككىز چوڭ شەھەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. پادىشاھ پاسېنادى ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا كاسى، ساكيا مىللەتلىرىنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان، گانگ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىن ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگىچە بولغان كەڭ رايونغا ئىگە بولۇپ بەك قۇدرەت تاپقان، كېيىن ماگادخانىڭ پادىشاھ ئاجاتاسىئاتورو بىلەن ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلغان، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ قۇدا بولۇشۇش يولى بىلەن يارىشىپ قالغان. پادىشاھ پاسېنادى ۋەزىرىنىڭ سۇيقەستىلىك پىلانلىشى ئارقىسىدا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئورنىغا چىققان؛ ئۇ ساكيا دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ پايتەختىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ھەدەپ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن، تەخمىنەن ماگادىخانىڭ پادىشاھى شىسۇناجا دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) ماگادخا تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان.